ئەلىيېۋ: تۈركىيە ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە توقۇنۇشىدا تەرەپ ئەمەس

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە توقۇنۇشىدا تەرەپ ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئەزەربەيجاننى پەقەت مەنىۋى جەھەتتىن قوللاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1499793
ئەلىيېۋ: تۈركىيە ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە توقۇنۇشىدا تەرەپ ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلىيېۋ رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قانىلى «روسسىيا- 24» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە تاغلىق قاراباغدا كۈچىيىپ كەتكەن جىددىيچىلىك ھەققىدە توختالدى.

ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، «خەلقىمىزنى ۋە زېمىنىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تاجاۋۇزچى دۆلەتكە تېگىشلىك جاۋابنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدۇق» دېدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تاغلىق قاراباغدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا تەرەپ ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «تۈركىيەنىڭ رولى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۈركىيە قېرىنداش دۆلىتىمىز ۋە ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر. توقۇنۇشلار باشلانغان ھامان تۈركىيە، جۇمھۇر رەئىسى (رەجەپ تاييىپ ئەردوغان) ۋە باشقا ئەمەلدارلار سەۋىيەسىدە ئەزەربەيجاننى ۋە خەلقئارا قانۇننى قوللىدى. چۈنكى، ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ، مۇشتۇمزورلارچە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر