ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ تەرتەر ۋىلايىتىگە قىلغان زەمبىرەك ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 پۇقرا يارىلاندى.

1499080
ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە تەرتەر ۋىلايىتىنىڭ شىخارخ بازىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى؛ ھۇجۇمدا، ئاكا -  ئۇكا 2 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 2 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈنۈگۈن ئەتىگەندىمۇ ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تەرتەر شەھەر مەركىزىگە زەمبىرەك ئوتى ئېچىپ، بىر پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

ئالدىنقى كۈنىمۇ نافتالان ۋىلايىتىدىكى بىر ئۆيگە زەمبىرەك ئوقى تېگىپ، بىر ئائىلىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر