ئەزەربەيجان «ئۇرۇش ھالىتى» ئېلان قىلدى

ئەزەربەيجان پارلامېنتى پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ئەرمېنىيە – ئەزەربەيجان ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇش سەۋەبىدىن، دۆلەتنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا «ئۇرۇش ھالىتى» ئېلان قىلىش قارارىنى ماقۇللىدى.

1498216
ئەزەربەيجان «ئۇرۇش ھالىتى» ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ جىددىي يىغىندا ماقۇللانغان قارارغا ئاساسەن، «ئۇرۇش ھالىتى» داۋاملاشقان تەقدىردە، ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ ۋە دۆلەتتىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق – ھوقۇقلىرى، ئەركىنلىكلىرى ۋە مۈلكىيەت ھوقۇقلىرىغا ۋاقىتلىق قىسمەن چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ئۇرۇش ھالىتى» ئارقىلىق بىر قىسىم رايونلاردا مەلۇم سائەتلەردىلا  كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئەتىگەن سائەت 6 ئەتراپىدا چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ كەڭ كۆلەملىك ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى نۇقتىلىرى ۋە پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىنى توپقا تۇتقان.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ، تەرتەرنىڭ گاپانلى، ئاغدامنىڭ چىراقلى ۋە ئوتتۇرا گارۋاند، فۇزۇلىنىڭ ئالھانلى ۋە شۈكۈربەيلى، جېبرايىلنىڭ چوچۇق مەرجانلى يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، پۇقرالار ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان، بۇ رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ، خەلقنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، پۈتكۈل چېگرا لىنىيەلىرىنى بويلاپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى قارارلاشتۇرغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىمىز، تانكا ئەترەتلىرىمىز، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە توپچى قىسىملىرىمىز، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە ۋە قوغداشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلاردا، كۆپ ساندىكى ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى، مۇئەسسەسەلىرى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، يوقاتتى. ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، ئەرمېنىيەگە ئائىت 12 دانە < OSA> تىپلىق زېنىت توپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى پاچاقلاپ تاشلاندى. ئەزەربەيجان ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت بىر تىك ئۇرۇش ئۇچار ئايروپىلانى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن تەرتەر ئەتراپىدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى، ئۇچقۇچى ئامان قالدى.»

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيەنىڭ پۇقرالارنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيە باشلاتقان ھۇجۇملار نەتىجىسىدە شېھىت ۋە يارىدارلىرىمىز بار. شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنى ھەرگىزمۇ يەردە قالمايدۇ. ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ھەربىي ۋاسىتىلەرنى پاچاقلاپ تاشلىدۇق. ئەرمېنىيە ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلىرىمىزغا قانۇنسىز ھالدا يەرلىشىشكە ئۇرۇنماقتا. بىز بولساق ئۆز زېمىنلىرىمىزنى قوغداۋاتىمىز. جۈملىدىن، قاراباغ بىزنىڭ زېمىنىمىزدۇر، قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىنىدۇر.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى،  فۇزۇلى ۋە جېبرايىل رايونلىرىدا 6 يېزىنىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پودپولكوۋنىك ئېنار ئېيۋازوۋ، بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان فۇزۇلى رايونىنىڭ قاراخانبەيلى، گەرۋەندى، كۆي گېرېدىز، ئۈستۈن ئابدۇراخمانلى يېزىلىرى، جېبرايىىل رايونىنىڭ بۈيۈك مەرجانلى ۋە نۈزگار يېزىلىرىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىغا  ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاغدەرە ۋە مۇروۋداغ تەرەپلەردىمۇ بىر قىسىم ئىستىراتېگىيەلىك ئېگىزلىكلەرنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئېيۋازوۋ، باشقا ئولتۇراق رايونلىرىنىڭمۇ ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ گورانبوي تەرەپلىرىدە ئىشقا ئاشۇرغان ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن، مۇروغداغى ئازاد قىلىندى.

ئەزەربەيجان ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق ئىشتابى، ئاغدەرە رايونىدىكى ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرى گارنىزون قوماندانىنى، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈم كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «تىركەشمەسلىك ۋە تەسلىم بولۇش» قا چاقىردى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەرمېنىيە گارنىزون قوماندانلىق ئىشتابى  تەسلىم بولغان تەقدىردە، ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە پۇقرا رەھىنەلەرگە قارىتا مۇئامىلىنىڭ، «جەنۋە شەرتنامىسى» ۋە باشقا خەلقئارالىق قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئەرمېنىيە كۈچلىرى داۋاملىق تىركەشكەن تەقدىردە، قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئەزەربەيجان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە جىددىي يىغىن چاقىرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر