ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن تۈركمەنىستاننىڭ بىتەرەپلىكىنىڭ 25-يىللىق پائالىيىتىگە قاتناشتى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت (TRT) مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە باش مۇدىر ئىبراھىم ئەرەن تۈركمەنىستاننىڭ دائىمىي بىتەرەپ دۆلەت بولغانلىقىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تاراتقۇلار مۇنبىرىگە قاتناشتى.

1492649
ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن تۈركمەنىستاننىڭ بىتەرەپلىكىنىڭ 25-يىللىق پائالىيىتىگە قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستاننىڭ دائىمىي بىتەرەپ دۆلەت بولغانلىقىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، خەلقئارالىق تاراتقۇلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى.

 مۇنبەرگە، تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە باش مۇدىر ئىبراھىم ئەرەن 68 دۆلەتنىڭ 300 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ۋە يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋىدېئو كونفېرانس شەكلىدە قاتناشتى.

ئاسيا-تىنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سالاھىيىتىدە مۇنبەرگە قاتناشقان ئىبراھىم ئەرەن، تۈركمەنىستان مۇستەقىللىقىنى جاكارلىشى بىلەن بىرىنچى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان تۈركىيەنىڭ، ئاشخابادتا ئەلچىخانا ئاچقان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ دائىمىي بىتەرەپلىكىنىمۇ تونىغان تۇنجى دۆلەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركمەنىستاننىڭ خەلقئارالىق ساھەدە تونۇلغانلىقىنى ۋە تارىخىي ساھەدىكى ئورنىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «پىكىرلىرىمىز ياكى دىپلوماتىك مەيدانىمىز قانچىلىك كۈچلۈك ۋە نوپۇزلۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئېھتياجلىق بولغان بىرىنچى ئىشىمىز، ئۇچۇرلىرىمىزنى تارقىتىشىمىزغا ۋە ئاڭلىتىشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان كۈچلۈك مېديادۇر» دېدى.

ئۇ خەلقئارالىق ساھەدە مېديانىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، بۈگۈن بىر يەرگە جەم بولۇشنىڭ ۋە تۈركمەنىستاننىڭ بىتەرەپ دۆلەت بولغانلىقىنىڭ 25 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاراتقۇ ۋەكىللىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىشنىڭ، مېديانىڭ رولىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرغانلىقىغا باغلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر