ئەلىيېۋ «باكۇ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ باكۇنىڭ كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى.

1490990
ئەلىيېۋ «باكۇ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى
baku-Turk sehitligi.jpg
baku'nun kurtarilisi1.jpg
baku'nun kurtarilisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇنىڭ كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئەرمەنى ۋە بولشېۋىك شايكىلىرىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەبرىكلەنمەكتە.

باكۇ تۈرك شېھىتگاھلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا، تۈركىيەنىڭ باكۇ ئەلچىسى ئەركان ئۆزورال، ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى  بىرىگادا كوماندىرى ئىسمائىل ھاققى كۆسەئالى ۋە ئەزەربەيجان ھەربىي دائىرىلىرى قاتناشتى.

ئۆزورالنىڭ شېھىتگاھلىققا گۈلچەمبىرەك قويۇشى بىلەن باشلانغان مۇراسىمدا، شېھىتلار ئۈچۈن ھۆرمەتتە تۇرۇلدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نامىدىنمۇ ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى لېيتېنانت گېنېرال ھەيدەر پىرىيېف شېھىتگاھلىققا گۈلچەمبىرەك قويدى.

شېھىتگاھلىق خاتىرە دەپتىرىنى ئىمزالىغان ئەلچى ئۆزورال، كېيىنچە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە باكۇ شېھىتلار خىيابانىنىمۇ زىيارەت قىلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، باكۇنىڭ كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئەرمەنى ۋە بولشېۋىك شايكىلىرىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى.

ئەلىيېۋ مەكتۇبىدا، قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن 102 يىل بۇرۇن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئەزەربەيجاندىن ياردىمىنى ئايىمىغانلىقىنى، باكۇنى ئازاد قىلغان نۇرى پاشا قوماندانلىقىدىكى كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسى شېھىتلىرىنى ھەردائىم خاتىرىلەپ كېلىۋاتقانلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 15 – سېنتەبىرنىڭ ئەزەربەيجان خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر كۈن ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ كۈندە باكۇنىڭ ئازاد قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ پايتەختى ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە ئەزەربەيجان – تۈركىيە قېرىنداشلىقى ۋە دوستلۇقى پۈتكۈل دۇنياغا ئۆلگىدۇر. قېرىنداش دۆلەت تۈركىيە، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قارشى 12 – ئىيۇل كۈنىدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئەزەربەيجان خەلقى توۋۇزدىكى ۋەقەلەر تلق  ئالاقىدار ئوچۇق – ئاشكارا باياناتلىرىڭىزغا چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. ئەزەربەيجانمۇ ھەردائىم قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەنىڭ يېنىدىدۇر، ھەمدە بارلىق مەسىلىلەردە قىلچە ئىككىلەنمەستىن قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلماقتا. ئەزەربەيجان – تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق  ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رايوندا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ھەم ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشىگە تۆھپە قوشۇۋاتقان مۇھىم ئامىلدۇر.»

باكۇنى ئازاد قىلىش كۈرىشى جەريانىدا كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسىنىڭ 1130 ئەسكىرى شېھىت بولغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ، شەكى، شاماھى، گوبۇستان، گۆيچاي، كۈردەمىر، نەفچالا، ھاجىقابۇل ۋە گۇبا قاتارلىق كۆپلىگەن رايونلىرىدا، كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى دەپنە قىلىنغان 14 تۈرك شېھىتگاھلىقى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر