ئەردوغان بىلەن شەنتوپ ئەزەربەيجان پارلامېنتى باشلىقىنى كۈتۈۋالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پارلامېنتى باشلىقى ساھىبا غافاروۋانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

1489555
ئەردوغان بىلەن شەنتوپ ئەزەربەيجان پارلامېنتى باشلىقىنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ساھىبا گافاروۋا بىلەن ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشتى.

تەخمىنەن 45 مىنۇت داۋاملاشقان ئۇچرىشىش ئاخباراتقا يېپىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇچرىشىشقا تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى  مۇستاپا شەنتوپمۇ ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر