ئاسەلسان قازاقىستاندا نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ

تۈركىيە ھەربىي ئېلېكترون سانائىتى شىركىتى (ئاسەلسان) قازاقىستاندىكى 300 سەھىيە ئورگىنى ئۈچۈن 1500 دانە نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

1488312
ئاسەلسان قازاقىستاندا نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان  ئاسەلسان Engineering  شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى زىيا چامئوغلۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن 1500 دانە نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «243 ۋىلايەت ياكى ناھىيەدىكى تەخمىنەن 300 سەھىيە ئورگىنىغا بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ تاپشۇرۇپ بېرىمىز، بۇ ھەقتە تەلىم بېرىمىز ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشكە تەييار ھالغا كەلتۈرۈپ بېرىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بۇنداق ئىلغا تېخنىكىلىق بىر ئۈسكۈنە تۇنجى قېتىم ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئۈسكۈنىلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمىتى سېنتەبىر ۋە ئۆكتەبىر ئايلىرىدا تاماملىنىدۇ. شىركەتنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا ھەردائىم تەييارمىز. باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ ئسكۈنىلەرنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. قازاقىستاننىڭ ئېھتىياجى قامدالغاندىن كېيىن، باشقا دۆلەتلەرگىمۇ نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئېكسپورت قىلىشقا باشلايمىز.»

ئىگىلىنىشىچە، ئاسەلسان بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا 2011 – يىلى قۇرۇلغان قازاقىستان  Engineering  شىركىتى، قز ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدىكى ئېھتىياجلىرىنى قامدىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر