تۈركىيە قىبرىستا جىددىي ئەھۋال دوختۇرخانىسى سېلىشتا ياردم قىلدى

تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ۋاباغا قارشى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنلىرى بولىدىغان جىددىي ئەھۋال دوختۇرخانىسى سېلىشتا ياردەم قىلدى.

1480576
تۈركىيە قىبرىستا جىددىي ئەھۋال دوختۇرخانىسى سېلىشتا ياردم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار تۈركىيە تەرىپدىن سېلىنىۋاتقان جىددىي ئەھۋال دوختۇرخانىسىنىڭ پەقەت بۈگۈننىڭلا ئەمەس، بەلكى كېلەچەكتىكى ئېھتىياجلارنىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە قامدايدىغان ئىقتىدارلارغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر ئەرسىن تاتار جىددىي ئەھۋال دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلدى ۋە مەسئۇل كىشىلەردىن مەلۇمات ئالدى.

ئۇ: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە ۋابا مەزگىلىدە قىبرىس خەلقىگە ۋە شىمالىي قىبرىس جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان ياردىمى ئۈچۈن قانچىلىك تەشەككۈر ئېيتساق ئازلىق قىلىدۇ. بۇ دوختۇرخانا پەقەت بۈگۈننىڭلا ئەمەس، بەلكى كېلەچەكتىكى ئېھتىياجلارنىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە قامدايدىغان ئىقتىدارلارغا ئىگە بولىدۇ. دۇنيادا ناھايىتى ئاز دۆلەتتە بار بولغان جىددىي ھالەت دوختۇرخانىسى ۋاباغا قارشى تۇرۇشتىن سىرت، ھەر تۈرلۈك يۈز بېرىشى ئېھتىمالى بولغان ئاپەتلەرگە قارشى خەلقىمىزگە يۇقىرى سەۋىيەلىك سەھىيە خىزمىتى بېرىدۇ» دېدى.

تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي 2020-يىلى 4-ئاۋغۇست باش مىنىستىر ئەرسىن تاتار بىلەن ئەنقەرەدە كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۇ يىل (2020) ئىچىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرى بار بولغان 100 كارۋاتلىق جىددىي يۇقۇم دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەر بەرگەن ئىدى.

فۇئات ئوكتاي يەنە: «نىشانىمىز-جىددىي ئەھۋال دوختۇرىانىسىنى 45 كۈندىن 60 كۈنگىچە بولغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئاخىرلاشتۇرۇش» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر