«ئالتۇن پويىز» ناملىق فىلىمنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ (1919 – 1923 – يىللار) مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىكى ھەمكارلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان «ئالتۇن پويىز» ناملىق فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاندى.

1474948
«ئالتۇن پويىز» ناملىق فىلىمنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – ئەزەربەيجان ھەمكارلىقىدا روياپقا چىقىرىلىدىغان فىلىمنى ئىشلەش پائالىيەتلىرىنىڭ 2021 – يىلى مارت ئېيىدا باشلىنىشى پىلانلانماقتا.

«ئالتۇن پويىز» ناملىق فىلىم، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، ئەزەربەيجانلىق ئىنقىلابچى نېرىمان نېرىمانوۋ ۋە قوماندان قازىم قارابەكىر رەھبەرلىكىدە تۈزۈلگەن ئىستىراتېگىيە ئارقىلىق بىر يەرگە جەم قىلىنغان ئالاھىدە ئەترەتنىڭ ئىش ئىزلىرىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

مۇستەقىللىق ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان مۇشەققەتلىك مەزگىلدىكى ھادىسىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان فىلىمدە، مەزكۇر ئەترەتنىڭ، ئەزەربەيجان قىلغان ياردەمنى ئەنقەرەگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى باش تېما قىلىنىدۇ.

فىلىمنىڭ 2022 – يىلى ئاپرېلدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر