تۇرئاز بۈركۈتى - 2020 داۋاملاشماقتا
تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندا باشلىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى «تۇرئاز بۈركۈنى – 2020» داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ف-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەزەربەيجان ئايروپىلانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇپ ۋەزىپە ئورۇندىدى.
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، مانېۋىر جەريانىدا تۈركىيە ف-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ئەزەربەيجان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سېنارىيەنىڭ روھىغا ئاساسەن ئىككىدىن – ئىككىدىن ۋە كوللېكتىپ ھالەتتە ئۇچۇپ ۋەزىپە ئورۇندىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، ئۇچقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى غەلىبىلىك ئورۇندىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر دائىرىسىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ مۇرەككەپ يەر تۈزۈلۈشىگە ئىگە جايلاردا ناھايىتى قىيىن ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئەسكەرلەرنىڭ زامانىۋى قوراللارنى ئىشلىتىپ، سېنارىيەگە ئاساسەن بېكىتىلگەن دۈشمەن ھۇجۇمىنى تارمار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 29 – ئىيۇلدا باشلانغانىدى.