بىر مىللەتنىڭ ئىككى دىياسپوراسى بولمايدۇ

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى-ي ت ب (YTB) نىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن ئەزەربەيجان دىياسپورا سودا-سانائەت دۆلەت كومىتېتى باشلىقى فۇئاد مۇرادوۋ بىلەن ئىنتېرنېت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1470436
بىر مىللەتنىڭ ئىككى دىياسپوراسى بولمايدۇ
YTB Azerbaycan.2.jpeg
YTB Azerbaycan.3.jpeg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ي ت ب باشلىقى ئابدۇللا ئەرەن ئەزەربەيجان دىياسپورا سودا-سانائەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى فۇئاد مۇرادوۋ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىنتېرنېت تور يىغىنىدا: «بىر مىللەتنىڭ ئىككى دىياسپوراسى بولمايدۇ. دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈرك مىللىتى ھەمىشە بىر ۋە باراۋەر بولىدۇ. دوست ۋە قېرىنداش ئەزەربەيجاننى داۋاملىق قوللايدۇ» دېدى.

ي ت ب باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن ئەزەربەيجان دىياسپورا سودا-سانائەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى فۇئاد مۇرادوف بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىنتېرنېت تورى يىغىنىدىن كېيىن ئەزەربەيجان مەتبۇئاتلىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت دىياسپوراسىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئەرمېنىيەنىڭ يىرگىنچلىك ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان بارلىق شېھىتلەر ۋە پۇقرالارغا ئاللاھتىن  رەھمەت تىلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ رەھبەرلكىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە دىياسپوراغا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بولۇش سۈپىتىدە تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، بۇ ساھەدە يېقىنقى ئىككى يىلدىن مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈرك كېڭىشى رامكىسىدا، تۈركىيەدە دىياسپورا ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىتېت باشلىقلىرى ۋە مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. بىز بېرلىندە ۋە نىيۇ-يوركتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دىياسپورالىرىمىزنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئىجتىمائىي جەمئىيەت يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزدۇق. بىز ھەمكارلىقلىرىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز. ي ت ب ئوقۇش مۇكاپاتى ئارقىلىق تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئەزەربەيجان ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.»

ئۇ دۇنيادىكى ئوخشىمىغان جايلاردا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان دىياسپورالىرىنىڭ، ئەرمېنىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق جاۋاب قايتۇرۇپ، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى، دۇنياغا بىرلىكتە ئاڭلاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بىر مىللەتنىڭ ئىككى دىياسپوراسى بولمايدۇ. تۈرك مىللىتى

دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەمىشە بىر ۋە باراۋەر بولىدۇ. دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننى ھەر دائىم قوللايدۇ» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى باشتىن تارتىپلا نارازىلىق بىدۈرگەنلىكىنى، ھەر قاچان ئەزەربەيجاننى قوللاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ دىياسپورا ئورگىنى بولغان  ي ت ب نىڭ، پائالىيەت ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى بىلەن ئەزەربەيجان ۋە ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر