تۈركىيە - ئەزەربەيجان بىرلەشمە مانىۋىردا، ئالاھىدە قىسىملار ماھارەت كۆرسەتتى

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى داۋاملاشتۇرىۋاتقان كەڭ – كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر دائىرىسىدە، ئالاھىدە قىسىملار ھەر خىل ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى.

1469642
تۈركىيە - ئەزەربەيجان بىرلەشمە مانىۋىردا، ئالاھىدە قىسىملار ماھارەت كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سىنارىيەگە ئاساسەن ئالاھىدە قىسىملار تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن قۇرۇقلۇققا چۈشۈرۈلگەن.

ئالاھىدە قىسىملار قىيىن يەر شارائىتىدا ئىستراتېگىيىلىك ۋە ھەربىي مۇئەسسىسەلەرگە بېسىپ كېرىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىپ، نىشاننى ئىگىلەش مەشقىنى ئۇتۇغلۇق بىلەن ئىشقا ئاشۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر