مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ:«بىز ھەمىشە تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «بىز ھەمىشە تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز » دېدى.

1467793
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ:«بىز ھەمىشە تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز»

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتنىك گۇرۇپپىلارغا مەسئۇل رايونلۇق مىنىستىرى ۋە ئىراق تۈركمەن فرونتى ئىجرائىيە كېڭىشى ئەزاسى ئايدىن مارۇف بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «بىز مارۇف بىلەن ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەرنى، ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ۋە تۈركمەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى مۇززاكىرىلەشتۇق. بىز ھەمىشە تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز »دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر