ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

1464265
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، چېگرادىكى توۋۇز ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي ئورۇنلىرى ئۈستىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەرمېنىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى فوتو – سۈرەتلىرىنىمۇ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر