ئەمېنىيە- ئەزەربەيجان يىرىكچىلىكىنىڭ ماھىيىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (31)

1464832
ئەمېنىيە- ئەزەربەيجان يىرىكچىلىكىنىڭ ماھىيىتى

ئەمېنىيە- ئەزەربەيجان يىرىكچىلىكىنىڭ ماھىيىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (31)

(مۇرات يېشىلتاش)

 «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئەمېنىيە- ئەزەربەيجان يىرىكچىلىكىنىڭ ماھىيىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

7 ئەزەربەيجاننىڭ توۋۇز رايونى ئەرمەنىيە چىگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەرمەنىيە قىسىمىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا يەتتە ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت قىلىندى ۋە بۇ سەۋەپلىك مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپ زىيانغا ئۇچرىدى. ئەرمەنىيە تەرەپ ئەزەربەيجاننى جاۋاپكار كۆرسەتكەن بولسا، ئەزەربەيجان مەسئۇللىرى بۇ ھۇجۇمنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر «ئەرمەنىيە ئىغۋاگەرچىلىكى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ توقۇنۇش ئۇزۇندىن بېرى جىمجىتلىققا چۆمگەن ئەرمەنىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتىنى يېڭىدىن خەلقئارا سىياسەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلدى.

1992- يىلى، ئەرمەنىيە ئارمىيىسى ۋە ئەرمەنىيە قوللىغان قۇراللىق كۈچلەر ئەزەربەيجاننىڭ %20 گە يېقىن قىسمىنى ئىشغال قىلغان ئىدى، بۇلار تاغلىق قاراباغ رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەتتى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى . مىليونلىغان ئەزەربەيجان تۈركلىرى بۇ جەرياندا ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدى ۋە ئۇلار تا ھازىرغىچە ئۆز دۆلىتىدە سەرگەردان بولۇپ ياشاۋاتىدۇ. ئون مىڭلىغان ئەزەربەيجانلىق بۇ توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. 1994- يىلى ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ توقۇنۇش «توڭلىتىلغان» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. ئەمما، 2016- يىلى 4- ئايدا مەيدانغا كەلگەن تۆت كۈنلۈك كەسكىن ئۇرۇش يەنە 200 كىشىنىڭ جىنىغا زامىن بولدى. 2018- يىلى ياز بېشىدا ئەزەبەيجاننىڭ ناخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان، ئىستىراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان كىچىك يىزا گۇننۇتنىڭ ئتراپىنى قايتۇرۋىلىش ئۈچۈن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ھەرىكەت ئېلىپ باردى. بۇ ئىككى ۋەقە 1994- يىلىدىن بېرى بۇ رايوندا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگۈرۈشلەر ئىدى.

         توۋۇز ھۇجۇمى ئەرمەنىيە – ئەزەربەيجان توقۇنۇشىدا يېڭى بىر پەردىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ توقۇنۇش ئىلگىرى بولغىنىغا ئوخشاش ئاددى يەرلىك توقۇنۇش كاتىگورىيەسىدىن ھالقىپ، روسىيە، ئىران ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  رايون خاراكتىرلىك (گىئوپولىتىكىلىق) رىقابەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ قارىلىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا توۋۇز رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن سەۋەپلەر بار.

         بىرىنجى سەۋەپ، رايون خاراكتىرلىك رىقابەتنىڭ كاۋكاز لىنىيەسىگە كېڭەيمەكچى بولىۋاتقانلىقىدۇر. بۇ نۇقتىدا، رۇسىيەنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن نەپ ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك. بۇ توقۇنۇش رۇسىيەنى رايوندىكى كۈچىنى كۈچەيتىىش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. گەرچە رۇسىيە ئاساسلىق ئىستىراتىگىيەسىنى ئەرمەنىيە ئاساسىدا قۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەرمەنىيەگە ئوخشاشلا ئەزەربەيجاننىڭمۇ ئەڭ چوڭ قورال – ياراق تەمىنلىگۈچى دۆلىتى. رايون مۇقىمسىزلىقىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە قوال – ياراق سېتىشىدىكى يىڭى سەۋەپ بولالايدىغانلىقى بۇ نۇقتىدىن (رايون خاراكتىرلىك رىقابەت نۇقتىسىدىن) مۇھىم بىر سەۋەپتۇر.

         ئەرمەنىيە – ئەزەربەيجان توقۇنۇشىغا قول تىققان يەنە بىر رايون خاراكتىلىك ئاكتىيور ئىراندۇر. ئىراننىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى بولغان ئەرمەنىيەگە يېقىن بولىشىمۇ باكۇنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدىكى تاغلىق قاراباغ ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، ئىران ئەزەربەيجاننىڭ بۇ رايوندىكى رولىنى چەتكە قېقىش ئۈچۈن ئەرمېنىيەنىڭ يېنىدا ئىدى. 2019-يىلى ئەرمېنىيە-ئىران سودىسى رېكورت ياراتتى. ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئۆتكەن يىلى ئەرمېنىيەدە زىيارەتتە بولغاندا: «بىز دوستىمىز ۋە قوشنىمىز ئەرمېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېڭەيتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز» دېگەن ئىدى.

         ئەلۋەتتە، تارىخى ۋە مەدەنىيەت سەۋەپلىرى بىلەن تۈركىيەمۇ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم ئاكتىيورلارنىڭ بىرى ۋە ئەزەربەيجان بىلەن بىر سەپتە تۇرماقتا. رۇسىيەنىڭ، تۇركىيەنىڭ دېققىتىنى سۈرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق جايلاردىن بۇراش ئۈچۈن كاۋكاز رايونىنىڭ ھارارىتىنى ئاشۇرۇش قارارى ئالغانلىقى ئىھتىمالغا يېقىن ۋە بۇ ئىھتىمالىق تۈركىيەنى تىخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئېلىپ كېلىدۇ. موسكوۋانىڭ ئەرىۋان ھۆكۈمىتى ئۈستىدىكى تەسىر كۈچىنى دىققەتكە ئالغىنىمىزدا، بۇ ئىھتىماللىقنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز.

         تىلغا ئېلىنغان رايون خاراكتىرلىك رىقابەتتىن باشقا، توقۇنۇشنىڭ ئارقىسىدا ئىقتىسادى سەۋەپلەرمۇ بار. بۇ قېتىم نىشانغا ئېلىنغان ئادەم كەنتى، ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، كاسپى رايونىنى ياۋروپا ۋە خەلقئارا ئېنىرگيە بازىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسلىق نىفىت ۋە تەبىئي گاز تۇربا يوللىرىغا ئىنتايىن يېقىن. خەرىتىگە قارايدىغان بولساق، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىرگىيە ۋە تىجارەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ توشۇلىشى ئۈچۈن پەقەت ئۈچ يولنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز. يەنى: ئىران، رۇسىيە ۋە ئەزەربەيجان يوللىرى. كەڭلىكى ئاران 100 كىلومىتىر كېلىدىغان بۇ كىچىك سودا كارىدورى ئەزەربەيجاننىڭ ئىككىنجى چوڭ شەھىرى ۋە بۇ رايوندىكى كونا يىپەك يولى سودا مەركىزى بولغان گەنجەنىڭ ئىسمى بىلەن «گەنجە بوشلۇقى» (گەنجە كارىدورى) دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىدى. يېقىنقى توقۇنۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى گەنجە بوشلىقىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرمەكتە.

         ھازىر، رۇسىيە ۋە ئىراننى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، گەنجە بوشلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈچ چوڭ نىفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇببا يولى بار. بۇلار: باكۇ – تىپلىس – جەيھان تۇرۇببا يولى، باكۇ – سۇپسا تۇرۇببا يولى ۋە جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز كارىدورى.  غەربىي ياۋروپانى كاسپى رايونىغا تۇتاشتۇرىدىغان ئوپتىك كابىل مۇھىم تاشيول ۋە تۆمۈريول لىنىيەسىگە ئوخشاش گەنجە بوشلىقىدىن ئۆتىدۇ. ئىنىقكى، توۋۇز ھۇجۇمى بۇ جۇغراپىيلىك ئىقتىسادى (گىئوئىكونومىك) خەزىنىنى بىۋاستە نىشان قىلىدۇ. ئەگەر روسىيە بىرلا ۋاقىتتا ھەم ياۋروپانى، ھەم لىۋىيە ۋە سۈرىيە مەسىلىسى سەۋەبىدىن تۈركىيەنى قىستاشقا ئۇرۇنسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن گەنجە بوشلۇقىدىن بەكرەك ياخشى بىر نىشان تېپىلمايدۇ. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئەرمېنىيەنىڭ ئۆزىنى رۇسىيەگە ئىشلىتىشى تەبىئىيدۇر.  ئىچكى سىياسەتتىن، ئىقتىسادى ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىشىغىچە ئەرمەنىيېنىڭ ئەزەربەيجاننى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرمۇنچە سەۋەبى بار.

         ئەرمەنىيە – ئەزەربەيجان توقۇنىشى يېڭى رايون خاراكتىرلىك كىرزىسنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا توقۇنۇشنىڭ يۆلۈنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىشىمىز ۋە تۇقۇنۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىش ئىھتىماللىقىغا قارشى تەييار بولىشىمىز كىرەك.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر