ئەزەربەيجان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.

1461069
ئەزەربەيجان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بايراموۋ تۈركىيە باش ئەلچىسى ئەركان ئۆزورالنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنلا ئەڭ ئاۋۋال باكۇدىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تۈركىيە باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈشى تاسادىپىيلىقمۇ ئەمەس ئىكەن، چۈنكى بۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن.

ئۇچرىشىشتا، بايراموۋ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ يۈكسەك سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەمكارلىقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ 12 – ئىيۇل كۈنى ئەزەربەيجان چېگراسىغا قىلغان ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ۋەقەلەر ئانالىز قىلىنغىنىدا، بۇ ھۇجۇم تەشەببۇسلىرىنىڭ ئالدىن پىلانلانغان بىر ئىغۋاگەرلىك ئىكەنلىكىنى ناھايىتى روشەن ھالدا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئەزەربەيجاننى قوللىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قاتارلىق تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ دۆلىتىمىزنى قوللاپ ئېلان قىلغان باياناتلىرى، قېرىنداش تۈركىيە خەلقىنىڭ باشقا كۈن چۈشكەندە ھەمىشە ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.»

باش ئەلچى ئۆزورالمۇ، ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى، ھەمدە ئەزەربەيجاننىڭ تەقدىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ تەقدىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر