ساخاۋەتچى تۈرك دوختۇر مېتىن كۇلۇنك ئافغانىستانغا دادىسى نامىدىن مەكتەپ سالدۇرۇپ بەردى

تۈرك دوختۇر مەتىن كۇلۇنكنىڭ دادىسى ئابدۇراخمان كۇلۇنك نامىدىن ياسىتىلغان بۇ مەكتەپتە 1500 ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدۇ.

1458369
ساخاۋەتچى تۈرك دوختۇر مېتىن كۇلۇنك ئافغانىستانغا دادىسى نامىدىن مەكتەپ سالدۇرۇپ بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساخاۋەتچى تۈرك دوختۇر مېتىن كۇلۇنك ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى جۇزدان ئۆلكىسىدە 1500 ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدىغان 16 سىنىپلىق مەكتەپ سالدۇرۇپ، خىزمەتكە كىرىشتۈردى.

مەكتەپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇزدان مۇئاۋىن ۋالىيسى ئابدۇلقادىر مالىيە سۆز قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە شۇڭا بالىلارنى مەكتەپكە بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن ۋالىي ئابدۇلقادىر مالىيە ئافغانىستاننىڭ مائارىپى ئۈچۈن بۇنداق ياخشى سېلىنمىنى روياپقا چىقارغان مەتىن كۇلۇنكقا رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇ مەكتەپنىڭ رايون خەلقىنىڭ مائارىپ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇياش ياردەملىشىش ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەئىسى نۇر مۇھەممەد قارىزادەمۇ مەتىن كۇلۇنكنىڭ دادىسى ئابدۇراخمان كۇلۇنك نامىدىن ياسىتىلغان بۇ مەكتەپتە ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ياردىمى بىلەن مائارىپىنى داۋاملاشتۇرىغىمۇ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۇر مۇھەممەد قارىزادە ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەكتەپتە زامانىۋى تەجرىبىخانا ۋە كومپيۇتېر سىنىپى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بايان قىلىپ، «ئابدۇراخمان كۇلۇنك ئوتتۇرا مەكتىپى»نىڭ 150 مىڭ دوللارغا پۈتكەنلىكىنى  قەيت قىلدى.

نۇر مۇھەممەد قارىزادە ئىككى قەۋەتلىك ۋە 16 سىنىپلىق بۇ مەكتەپتىن 1500 ئوقۇغۇچىنىڭ پايدىلىنالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شېئىر ئوقۇش بىلەن داۋاملاشقان مۇراسىم، لېنتا كېسىش بىلەن ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر