ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان زېمىنىغا قارىتا ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىغا قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.

1457732
ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان زېمىنىغا قارىتا ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 53 قېتىم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى. ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە توپلار بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىدى. ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ھۇجۇمغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.

ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى بەرد ۋە چەمبەرەك رايونلىرى بىلەن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى تەرتەر، ئاغدام ، فۇزۇلى ۋە جەبرايىل رايونلىرىدا سادىر قىلىندى.

ئەزەربەيجاننىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

جەيھۇن بايراموۋ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى ھەمدە مەنسەپداشلىرىغا ئەرمېنىيەنىڭ توۋۇزغا قىلغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋمۇ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. سۆھبەتتە كاۋكاز رايونىدا يېقىندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ۋە يېقىنقى ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر