ئەلىيېۋ: ئەرمېنىيە فاشىست دۆلەت

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەرمېنىيەنى «فاشىست دۆلەت» دەپ ئاتىدى.

1456165
ئەلىيېۋ: ئەرمېنىيە فاشىست دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلىيېۋ ئەزەربەيجان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، 12 – ئىيۇل كۈنى چېگرا رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنى ئەرمېنىيەنىڭ باشلاتقانلىقىنى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ توۋۇز رايونىدا ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىدىن بىرىنى ئۇشتۇمتۇت توپقا تۇتۇش بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ دەرھال قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، شېھىت ئەسكەرلەرنىڭ ئىنتىقامىنى ئالغانلىقىنى ۋە شانلىق زەپەر قازانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەرمېنىيە كۈچلىرى بىر سانتىمېتىرمۇ ئەزەربەيجان زېمىنىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولالمىدى، جۈملىدىن، ھېچقاچان مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. دەل ئەكسىچە، ئەگەر بىز خالىغان بولساق، بۈگۈن ئەرمېنىيەنىڭ ئاشۇ رايونىدىكى زېمىنلارنىڭ كۆپ قىسمىنى كونتروللۇقىمىز ئاستىغا ئالغان بولاتتۇق. لېكىن، بىزنىڭ ئۇنداق قىلىش نىيىتىمىز يوقتۇر.»

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەلىيېۋ، ھۇجۇم جەريانىدا 76 ياشلىق بىر پۇقرانىڭ شېھىت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئەرمېنىيەنىڭ فاشىست دۆلەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.»

ئۇ، ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەنىسىز سۆھبەتلەردىن تولىمۇ بىزار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ سەۋر – تاقىتىنىڭمۇ بىر چېكى بار، بىز كۈچلۈك بىر قوشۇن تەشكىل قىلدۇق. تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىدە بىر قەدەممۇ كەينىمىزگە چېكىنمەيمىز. چۈنكى، بىزنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش مەقبۇرىيىتىمىز باردۇر، دەرۋەقە، بۇ ھەقتە ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

ئەلىيېۋ، ئەزەربەيجاننى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيە خەلقىگە ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيا تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان خەلقلىرىنىڭ قان قېرىنداش ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر