ئەلىيېۋ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19)غا قارشى كۈرىشىگە ھەمدەملىشىش مەقسىتىدە تۈركىيەدىن دۆلىتىگە ئەۋەتىلگەن تېببىي ياردەم بۇيۇملىرى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

1450242
ئەلىيېۋ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللاپ، تۈركىيەدە كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى، يۇقۇملانغۇچىلارغا شىپالىق تىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەردوغاننىڭ 2020 – يىلى 5 – ئىيۇلدا يوللىغان مەكتۇپى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن ئەلىيېۋ، تۈركىيەنىڭ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدىكى كوۋىد – 19 غا قارشى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر