ئەلىيېۋ: باكۇ - تىفلىس - قارس تۆمۈر يولىنىڭ «تۆمۈر يىپەك يولى» دەپ ئاتلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، 2020 – يىلىنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى ئارقىلىق يۆتكەلگەن يۈك ھەجىمىنىڭ 2019 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 3.7 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1448280
ئەلىيېۋ: باكۇ - تىفلىس - قارس تۆمۈر يولىنىڭ «تۆمۈر يىپەك يولى» دەپ ئاتلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى ۋە تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن ئۈچ تەرەپ تېلېۋىزىيە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەلىيېۋ يىغىندا باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولىنىڭ 2017 – يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر تارىخىي ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ يولنىڭ «تۆمۈر يىپەك يولى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىلھام ئەلىيېۋ، «بۇ تۈر (قۇرۇلۇش) قىتئەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدۇ. ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى بىر دۆلەت بولغان ئەزەربەيجان، ياۋرو-ئاسىيادىكى توشۇمىچىلىق ۋە ئارقا سەپ ساھەسىگە مۇھىم كۈچ بېغىشلىماقتا. 2020 – يىلىنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى ئارقىلىق توشۇلغان يۈك ھەجىمى 2019 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغان 3.7 ھەسسە ئارتۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر