ئەردوغان ئەرسىن تاتار بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1444718
ئەردوغان ئەرسىن تاتار بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتارنىڭ سۆھبىتىدە، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەردىن باشقا يەنە، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (كوۋىد -19) يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ۋە تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ ئىشقا ئاشۇرىلىدىغان ئايروپىلان قاتناشلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر