ب د ت دا تۈرك باشلىق

تۈركىيەدىن نامزات كۆرسىتىلگەن ۋولقان بوزقىرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىنىشى ھەققىدە.

1442739
ب د ت دا تۈرك باشلىق

2020 – يىلى 17 – ئىيۇن كۈنى تۈركىيە ئالدىنقى يىلى نامزات كۆرسەتكەن باش ئەلچى ۋولقان بوزقىر، 192 دۆلەتتىن 178 ىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش باشلىقلىقىغا سايلاندى. تېگى تۈرك بىر دىپلوماتنىڭ بۇنداق نوپۇزلۇق بىر ئورگاننىڭ مەسئۇللىقىغا سايلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ شان – شەرەپلىك ئىشتۇر.

بوزقىرمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىدەك، سايلام باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈش ئاسانغا توختىمىدى.ئۇنىڭ نامزاتلىقى غەربىي ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۆز گۇرۇپپىسىدا باشلانغۇچتا ماقۇللانغان بولۇشىغا قارىماي، گىرېتسىيە، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ۋە ئەرمېنىيەنىڭ كېيىنچە دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيە تۇتۇشى نەتىجىسىدە، ئىلگىرى ئومۇمىي كېڭەشتە ئالقىشلاش ئۇسۇلى بويىچە سايلانغان ئولتۇرۇش مەسئۇلى، بۇ يىل ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سايلاندى. ھالبۇكى، سايلامنىڭ نەتىجىلىرى، تۈركىيەگە قارشى  دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيە تۇتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋولقان بوزقىر، 1972 – يىلىدىن ئېتىبارەن تۈرلۈك دىپلوماتىك ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇ، ئاساسلىقى غەرب ئەللىرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇشىغا قارىماي، ۋەزىپىسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ  دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. تۈركىيە-روسىيە ئىجتىمائىي مۇنبىرىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىككى ھەم ئۈچ تەرەپلىك يىغىنلارنىڭ چاقىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشتى ۋە رايون دۆلەتلىرىدە زىيارەتلەردە بولدى. ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنت  ۋەكىللىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. تۈركىيە – ئەزەربەيجان – گىرۇزىيە، تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران پارلامېنتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپلىك يىغىنلىرىنى چاقىردى.

ۋولقان بوزقىربنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىنىشى، ئەرمېنىيە سىرتىدىكى بارلىق ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈلۈپ،خەۋەر قىلىندى.

كەسپداشلىرى ۋە رايونلۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى. تۈرك كېڭىشى، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى، تۈركسوي، تۈرك ئاكادېمىيەسى، تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراس فوندى قاتارلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرى ۋولقان بوزقىرنى تەبرىكلىدى. 2020 – يىلى 18 – ئىيۇن كۈنى تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى باغداد ئەمرېيېۋ ۋولقان بوزقىرنى تەبرىكلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم تۈرك دۇنياسىدىن بىر دۆلەت ئەربابىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىغا مەسئۇل بولۇشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. تۈرك دۇنياسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز.

ئىلگىرى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قازاقىستاننىڭ مەۋجۇت پىرېزىدېنتى  قاسىم جۆمەرت توقايېۋ 2011 – 2013 – يىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنىدى. ۋولقان بوزقىرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىشى، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ خەلقئارالىق دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى لازىم. ۋولقان بوزقىرنىڭ قىرىمنىڭ ئىشغالىيىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قەىلىنىشى قاتارلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بىر تەرەپ قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشىدۇ. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچى داۋاملىشىۋاتقان پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بوزقىرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كىزىس، كۆچمەنلەر مەسىلىسى قاتارلىق چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر كۈتمەكتە.  ئۇنىڭ تەخمىنەن 50 يىللىق  مول دىپلوماتىك تەجرىبىلىرى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تېخىمۇ پائالىيەتچان ۋە ئاكتىپ ئالغا كەلتۈرۈشكە  تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز .



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر