ئەزەربەيجان تۈركىيەدىن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان «SİHA» ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئالىي گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ يېڭى قورال ۋە زاپچاس سېتىۋىلىشىغا ئالاقىدار مەلۇمات بەردى.

1441030
ئەزەربەيجان تۈركىيەدىن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان «SİHA» ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ پروگرامما سۇنغۇچىنىڭ «تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار سۈرىيە ۋە لىۋىيەدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئەزەربەيجاننىڭ بۇ قوراللارنى تۈركىيەدىن ئېلىش نىيىتى بارمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ،  «بۇ يۆنىلىشتىكى خىزمەتلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھازىر قولغا كەلگەن تنەتىجىمۇ بار» دېدى.

مىنىستىر زاكىر ھەسەنوۋ، قېرىنداش تۈركىيەنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئەزەربەيجانغا ھەربىي ساھەدە مالىيە جەھەتتىنمۇ ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى،   ۋە ئەزەربەيجان دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر مەزگىل ئىلگىرى بۇ ھەقتىكى كېلىشىمنىمۇ تەستىقلاپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر