تۈرك كېڭىشىنىڭ <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرىشى

تۈرك كېڭىشىنىڭ غا قارشى كۈرىشىنىڭ ھازىرقى ئەھچۋالى.

1438691
تۈرك كېڭىشىنىڭ <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ رەقەم كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. شۇ ۋەجىدىن، ئەزا دۆلەتلەر سەھىيە ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.

2020 – يىلى 28 – ئاپرېل كۈنى تۈرك كېڭىشى سەھىيە مىنىستىرلىرى  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا، تۈرك كېڭىشى ساغلاملىق ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى قارارلاشتۇرۇلغانىدى. 2020 – يىلى 8 – ئىيۇن كۈنى تۈرك كېڭىشى ساغلاملىق ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يىغىنغا، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرلىرى قاتناشتى. يىغىندا، تەرەپلەر «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇردى، ھەمدە ئورتاق ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داڭلىق  تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا تور مۇھىتى ئاستىدا مائارىپ، بىلىم ئاشۇرۇش پىروگراممىلىرى، خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنلىرى چاقىرىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.  تۈرك دۇنياسى ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئىزمىردىكى كارانتىن ئارىلىدا زەنجىرسىمان ئورتاق پروگراممىلارنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ئورتاق سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە يۇقۇم ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇش توغرىسىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «زەنجىرسىمان تەمىنلەش گۇرۇپپىسى»، ھەر بىر دۆلەتتىن 10 ئالىم قاتنىشىدىغان «ساغلاملىق ئىلمىي گۇرۇپپىسى» قۇرۇش قارارنامىسىمۇ قوبۇل قىلىندى. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈرك كېڭىشى قارمىقىدا ساغلاملىق مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىگە تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىق قىلىدىغان بولۇشى، يىغىندا ماقۇللانغان مۇھىم قارارلاردىن بىرى بولدى. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا باشقۇرۇۋاتقان تۈركىيە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى مەسىلىسىدىمۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە بىشكەكتە سالدۇرغان تولۇق ئەسلىھەلىك دوختۇرخانا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە بىمارلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. تۈركىيەنىڭ باشقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىتا تېببىي ياردەملىرىمۇ داۋاملاشماقتا.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىدىكى تۇنجى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىغا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنى تەكلىپ قىلغان تۈرك كېڭىشى، تۈرك دۇنياسىدا بۇ ساھەدە تاشلىنىدىغان قەدەملەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. <ۋۇخەن ۋىرۇسى> بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يۇقۇم باسقۇچىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان ۋە ۋاكسىنا تېخى تېپىلمىغان بىر پەيتتە، تۈرك دۇنياسىنىڭ ھالقىلىق تەشكىلاتى بولغان تۈرك كېڭىشىنىڭ ساغلاملىق ساھەسىدىكى باشلامچىلىق تەتقىقاتى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىنىڭ تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇلۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.  تەشكىلات قارمىقىدا قۇرۇلغان ساغلاملىق ئىلمىي ھەيئىتى ۋە COVID-19  نى كۆزىتىش سىستېمىسى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ قىسقا مەزگىلدە تۈگىمەيدىغان بولۇشى، ساغلاملىق ساياھىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ قولايلاشتۇرۇلۇشى ۋە ياردەملىشىشنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلىشى، قېرىنداشلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى»  بىلەن بىرلىكتە غەربتە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ساغلاملىق سىستېمىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى، ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ دۆلەتنىڭ كۆزىتىشى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. تۈرك جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن  تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ساغلام ئورتاق سەھىيە تورى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. دەرۋەقە، سەھىيە ساھەسىدىكى بۇ ئورتاق پائالىيەتلەر، «تۈرك كېلەچىكى – 2040» ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ساغلاملىق پىروگراممىسىغا ساغلام زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر