ھازار دېڭىزىدا ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى

يۇقۇم باسقۇچىدا ھازار دېڭىزىدا ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى ۋە ئىمكانىيەتلىرى

1429448
ھازار دېڭىزىدا ھەمكارلىق  پۇرسەتلىرى

ئاپرېل ئېيىنىڭ ئىككىنچى  2020 – يىلى 20- ماي كغنى تۈركمەنىستاننىڭ باكۇ  باش ئەلچىسى مېكان ئىشانگۇلىيېۋنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئاقتاۋ، باكۇ، تۈركمەنباشى ۋە قۇرىق پورتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش ۋە يۇقۇم باسقۇچىدا ھازار دېڭىزىدا قوللىنىلىدىغان ئورتاق تەدبىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. تەرەپلەر، مەزكۇر پورتلار ئارا ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئېپىدېمىيولوگىيەلىك ھەمكارلىق، تىرانسپورت خىزمىتى  ۋە كارانتىن مەسىلىلىرىدە پورتلار ئارا ماس قەدەمدە ھەرىكەتكە ئۆتۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. يۇقۇم باسقۇچى، خەلقئارالىق تىرانسپورت پائالىيەتلىرىدە ھازار دېڭىزىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. ھازر دېڭىزىدىكى  ترانپسوت پائالىيەتلىرىنىڭ شەرق بىلەن غەربنى قىسقا يولدىن بىر - بىرىگە توتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقتى.

ھەممىگە مەلۇمكى، 1990 – يىللارغىچە ھازار دېڭىزىدا رۇسىيە بىلەن ئىران ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. ھازار دېڭىزىغا قىرغاقداش بولغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللققا ئېرىشكەندىن كېيىن، دېڭىز ساللىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قازاقىستان (2320 كىلومېتىر)، تۈركمەنىستان (1200 كىلومېتىر) ۋە ئەزەربەيجان (955 كىلومېتىر) نىڭ چېگرا لىنىيەلىرى ئىچىدە قالدى. رۇسىيە (695 كىلومېتىر) ۋە ئىران (724 كىلومېتىر) نىڭ دېڭىز چېگرالىرى باشقا ئۈچ دۆلەتنىڭ چېگرالىرىغا قارىغاندا ئازدۇر.

2018 – يىلى  ئاۋغۇست ئېيىدا ئاقتاۋدا چاقىرىلغان ھازار دېڭىزىغا قىرغاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، ھازار دېڭىزىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى ھەققىدە قارار ماقۇللاندى، شۇنىڭ بىلەن، دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشتىلىتىلىشىنىڭ ئالدىدىكى مۇھىم بىر توسالغۇ پاچاقلاپ تاشلانغان بولدى.

تۈركمەنىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سەپەرمۇرات نىيازوۋ دەۋرىدە ھازار دېڭىزىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى تۈپەيلى ئەزەربەيجان بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان  سوغۇق مۇناسىۋەتلەر يېقىنقى يىللاردا ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئايلاندى. ئەزەربەيجان بىلەن تۈركمەنىستان رەھبەرلىرى يېقىنقى يىللاردا ئۆزئارا زىيارەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان 38 تۈرلۈك كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

يېقىنقى يىللاردا ھەم ئەزەربەيجان، ھەم  قازاقىستان، ھەمدە تۈركمەنىستان ھازار دېڭىزىدىكى پورتلىرىغا مۇھىم مەبلەغلەرنى سالدى. 2016 – يىلى قازاقىستان قۇرىق، 2017 – يىلى تۈركمەنىستان تۈركمەنباشى، ئەزەربەيجان ئالات ناملىق پورتلارنى بەرپا قىلدى. بۇ سېلىنمىلارنىڭ ھەممىسى، شىمالدا رۇسىيەنىڭ، جەنۇبتا ئىراننىڭ ئۆزىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلىرىنى رايونلۇق ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردە بېسىم ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلەتمەكچى بولغاندا تاللاش خاراكتېرلىك قاتناش تۈگۈنى بولۇش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئاپرېل ئېيىدا چاقىرىلغان تۈرك كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنى يىغىنىدا، تەشكىلاتقا ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ئارا يۇقۇم باسقۇچىدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرۇلۇق قارار ماقۇللانغانىدى. تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قاتناش مىنىستىرلىرىنىڭ، يېقىندا ھازار دېڭىزى ساھىللىرىدىكى پورت مەسئۇللىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرى، تۈرك دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستان ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن تەقدىردە، ھازار دېڭىزىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تۈركىيە ئارقىلىق غەربكە يەتكۈزۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېخىمۇ قولايلىشىدۇ. باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولىدىن پەقەت تىرانسپورت تۈگۈنى سۈپىتىدىلا ئەمەس، شەرق بىلەن غەربنى ھازار دېڭىزى ئارقىلىق بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈن سۈپىتىدىمۇ پايدىلىنىش مۇمكىن. مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پورتلىرى ھازار دېڭىزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

ھەم «لاپىس لازۇلى قاتناش تۈگۈنى»، ھەم قارادېڭىز – ھازار دېڭىزى خەلقئارا قاتناش كارىدورى، ھەمدە خەلقئارا ئوتتۇرا كارىدورنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، ھازار دېڭىزىدىكى مەزكۇر ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە باغلىقتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر