تۈرك كېڭىشى كۆچمەنلەر ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى

تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەزگىلىدە چەت ئەللەردىكى پۇقرالىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلاۋاتقان قەدەملىرى.

1419387
تۈرك كېڭىشى كۆچمەنلەر ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2020 – يىلى 7 – ماي كۈنى تۈرك كېڭىشىگە ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ۋېنگىرىيە، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى قاتناشتى. يىغىندا، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتالمىغان پۇقرالىرىغا ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىجازەتنامىسى، ۋىزا ۋە كۆچمەنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا قوللىلىنىدىغان چارە - تەدبىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندىن كېيىن تەرەپلەر ۋىزا ۋە ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىجازەتنامىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان پۇقرالارنىڭ مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆچمەنلىك شەرتلىرىنىمۇ ۋاقىتلىق يېنىكلىتىشنى قارارلاشتۇردى. بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى ۋە ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تۈرك كېڭىشى قارمىقىدا كۆچمەنلەر ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى.

ھەممىگە مەلۇمكى، تۈرك كېڭىشىنىڭ  2020 – يىلى 10 – ئاپرېل كۈنى چاقىرىلغان دۆلەت باشلىقلىرى پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا، باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ھەر جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بېرىش قارارلاشتۇرۇلغانىدى.

بۇ قارارغا ئاساسەن،  تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەزگىلىدە ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشنى خالايدىغان پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىدە ئۆزئارا ياردەم قىلىش ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھەتتا ئۈچىنچى دۆلەتلەردىن پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىدە تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر بىرلىكتە ھەىكەت قىلماقتا. مەسىلەن، قازاقىستان جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىن پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش جەريانىدا قىرغىزىستان پۇقرالىرىنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ كەلدى. ئوخشاش شەكىلدە، تۈركىيەمۇ ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنى ئۈچىنچى دۆلەتلەردىن تۈركىيەگىچە ئېلىپ كەلدى. بۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر، كەلگۈسىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ خەلقئارا ساھەدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۈرك كېڭىشىنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىشى، تەشكىلاتنىڭ دىئاسپورالارغا قارىتا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. ھەممىگە مەلۇمكى، تەشكىلات ئىلگىرى تۈرك كېڭىشى تۈركىي تىلداشلار دىئاسپورا ئورتاق پائالىيەت ئىستىراتېگىيەسىنى قوبۇل قىلغانىدى. ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن ماسكا ۋە باشقا يىرگىنچلىك ۋەقەلەر، تۈرك دۇنياسى دىئاسپورالىرىنىڭ ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ خەلقئارا ساھەدە  ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

تۈركىيە رايونىدا كۆپ ساندا چەت ئەللىكنى باغرىغا بېسىۋاتقان بىر دۆلەتتۇر. تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەزگىلىدە ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشنىڭ ئورنىغا تۈركىيەدە قېلىشنى تاللىشى، ئەنقەرەنىڭ بۇ باسقۇچتا توغرا قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى، باسقۇچنى ياخشى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەمدە پەقەت ئۆز پۇقرالىرىنىلا ئەمەس، چەت ئەللىكلەرنىمۇ ساغلاملىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۈرك دۇنياسىنىڭ پاۋارۇزى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە، بۇنىڭدىن كېيىنكى باسۇچتىمۇ قوشنا دۆلەتلەر ۋە كۆڭۈل جۇغراپىيەسىنىڭ جەزبىدارلىق مەركىزى  بولۇشنى دۋاملاشتۇرىدۇ. تۈرك كېڭىشى قارمىقىدا قۇرۇلغان كۆچمەنلەر ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىىسىمۇ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەقىل – پاراسەتلىك زاتلىرىنىڭ كۆچۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆز دۆلىتى سىرتىدا ياشاۋاتقان تۈرك دىئاسپورالىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر