ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 10 مىڭ ئەسكەر قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى.

1419356
ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن ماقۇللانغان پىلانغا ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋنىڭ قوماندانلىقىدا باشلانغان ھەربىي مانېۋىرغا، ھەرقايسى قوماندانلىق ئىشتابلىرىغا قاراشلىق ئەترەتلەردىن تەشكىل تاپقان 10 مىڭ ئەسكەر قاتناشقان بولۇپ، مانېۋىرنىڭ نىشانى،  سىمۋول خاراكتېرلىك دۈشمەن نىشانلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق قىسىملار ئارا ماسلىقنىڭ قايسى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئىكەن.  22 – مايغىچە  كېچە – كۈندۈز داۋاملىشىدىغان مانېۋىردىن،  تەخمىنەن 120 تانكا، بىرونېۋىك، 200 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە توپ ئېتىش سىستېمىسى، 30 ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئورۇن ئالماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر