ئامېرىكادا بىر تۈرك دوختۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ۋاپات بولدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ جېرسېي ئىشتىدا ئۆزى داۋالاۋاتقان بىمارلارنىڭ بىرىدىن ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغان تۈرك دوختۇر خەلىل سىنا زائىم قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ جېرسىي ئىشتاتىنىڭ ماۋنتىن شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق 69 ياشلىق تۈركىيە پۇقراسى يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى ۋە ئىچكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى زائىمنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن بىر مەزگىل داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۇ نىيۇ يوركتا دەپنە قىلىندى.
پايتەخت ئەنقەرەدە 1951 – يىلى تۇغۇلغان، تۈركىيە، كانادا، شىۋېتسارىيەدە ۋە ئامېرىكا مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇغان زائىمنىڭ خاترىىسى ئۈچۈن، تۈركىيە – ئامېرىكا مېدىتسىنا جەمئىيىتى تەرىپىدىن كۆچەت تىكىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھازىرغىچە، نىيۇ يورك / نىيۇ جېرسېي رايونىدا 19، چىكاگودا 3 ۋە فلورىدادا بىر بولۇپ، جەمئىي 23 تۈركىيە پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.