ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەبىئىي ئاپەتلەر

ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە يېقىنقى ھەپتىلەردە ئارقىمۇئارقا مەيدانغا كەلگەن تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئېغىر بولۇشى، بۇ ئاپەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

1412633
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەبىئىي ئاپەتلەر

تۈركىيە ئاۋازى خەۋىرى: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى يېقىنقى ھەپتىلەردە ئارقىمۇئارقا مەيدانغا كەلگەن تەبىئىي ئاپەتلەرگە دۇچ كەلدى. بۇ تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئېغىر بولۇشى، بۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنىڭمۇ تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.  ئالدى بىلەن، رايوندا مەيدانغا كەلگەن تەبىئىي ئاپەتلەرگە بىر قۇر نەزەر تاشلاپ چىقايلى:

2020 – يىلى 23 – ئاپرېل كۈنى قازاقىستاننىڭ شەرقىي قازاقىستان ئۆلكىسىدىكى سەمەي ئورمانلىقىدا ئوت ئاپىتى ھۇجۇم يۈز بەردى. ئوت ئاپىتى نەتىجىسىدە 3948 گېكتارلىق ساھە زىيانغا ئۇچرىدى.

27 – ئاپرېل كۈنى تۈركمەنىستاننىڭ لەباپ ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن بوران – چاپقۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن ئولتۇراق رايونلىرى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋەيران بولدى.

28 – ئاپرېل كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا ۋىلايتىدە مەيدانغا كەلگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 30 كىشى يارىلاندى.

29 – ئاپرېل كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ جىزاق ۋىلايىتىدە سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ، 9 ۋە 14 ياشلىق ئىككى بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1 – ماي  كۈنى قارا يامغۇر سەۋەبىدىن ئۆزبېكىستاننىڭ سىردەريا ۋىلايىتىدىكى ساردوبا دامبىسىنىڭ تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشتى. قازا سەۋەبىدىن ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندا يۈزلەرچە ئۆي سۇ ئاستىدا قالدى، رايوندىن 75 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى، 60 ئەتراپىدا كىشى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

2 – ماي كۈنى قىرغىزىستاننىڭ باتكەن ۋىلايىتىدە سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ، يۈزلەرچە ئۆي ۋە دېھقانچىلىق مەيدانى سۇ ئاستىدا قالدى.

بۇنداق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ رايونىدا ماي ئېيىنىڭ دەسلەپكى 10 كۈنىدىمۇ داۋاملشىىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ كۆپىنچىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

بۇ تەبىئىي ئاپەتلەر بولۇپمۇ رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىگە ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزمەكتە. دەرۋەقە، 9 – ئاپرېل كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردە قار يېغىپ، زىرائەتلەر مۆلدۈر خەۋپىگە دۇچ كەلگەنىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رايون دۆلەتلىرى بۇ يىل يېمەك - ئىچمەك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.

قارا يامغۇر داۋاملىق ياغقان تەقدىردە، رايوندىكى ئۇران ئەخلەتلىرىنى ساقلاش مۇئەسسەسەلىرىدە سېزىش ۋە بۇ مۇئەسسەسەلەردىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سۇغا ئارىلىشىپ كېتىش  خەۋپى باردۇر. بۇ ئەھۋال خەلق ساغلاملىقىنى خەۋپكە دۇچار قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ يېغىنلار بەزى ئولتۇراق رايونلىرىنى بوشىتىشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

قايسى تەرىپىدىن قارىسىڭىز قاراڭ، بۇ ئاپەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ماددىي زىيان ناھايىتى ئېغىردۇر.  تەبىئىي ئاپەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ ھازىچە ھېسابلاپ چىقىلغىنى يوق.

بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئەڭ ئاز زىيان بىلەن ئۆتۈش ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدىكىگە ئوخشاشلا داۋاملىق ھەمكارلىشىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. رايون دۆلەتلىرى بۇ يىل مەيدانغا كەلگۈسى يېمەك - ئىچمەك قىيىنچىلىقىنى ئۆزئارا ياردەم بېرىش ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتتىن سېتىۋېلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشى مۇمكىن.  بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلقئارالىق قاتناش چەكلىمىلىرىنىڭ بىكا رقىلىنىشى، تۈركىيەنى تۈركىستانغا تۇتاشتۇرىدىغان ئوتتۇرا كارىدورنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈلۈشى ناھايىتى مۇھىمدۇر. رايون دۆلەتلىرى ئۇران ئەخلەتلىرىنى ساقلاش مۇئەسسەسەلىرىنى خەۋپسىز ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك چارە تېپىشى لازىم. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئارقىمۇئارقا دۇچ كەلگەن بۇ سىناقتىن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر