تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TİKA) موڭغۇلىيەگە  ماسكا تىكىش سېخى قۇرۇپ بەردى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TİKA) موڭغۇلىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى كۈرىشىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ماسكا تىكىش سېخى قۇرۇپ بەردى.

1412198
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TİKA) موڭغۇلىيەگە  ماسكا تىكىش سېخى قۇرۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TİKA)  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا،  بۇ سېختا موڭغۇلىيە ھەربىي دوختۇرخانىسىدىكى سەھىيە خادىملىرى قاتارلىق خەتەرلىك گۇرۇپپىلار ئىچىدە ھېسابلىنىدىغان كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ماسكا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خوتون تۈركلىرى ئۈچۈن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TİKA)  تەرىپىدىن قۇرۇپ بېرىلگەن بۇ تىككۈچىلىك سېخى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ۋە 15 مىڭ دانە ئاللېرگىيىگە قارشى قوغداش ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش پىلانلانماقتا.

تىككۈچىلىك سېخىدا كۈنىگە 1000 ماسكا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر