توكايېۋ: قازاقىستاندا سىياسىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش داۋاملىشىدۇ

قازاقىستان پىرېزىدېنتى توكايېۋ، دۆلەتتە كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ئىسلاھاتلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1411039
توكايېۋ: قازاقىستاندا سىياسىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توكايېۋ، ھۆكۈمران قازاقىستان گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، زاماننىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «مېنىڭ تەشەببۇسۇم بىلەن پارلامېنتتا بىر قاتار قانۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. شۈبھىسىزكى، تىنچ ئۇسۇلدىكى يۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ئالاقىدار قانۇن دۆلەتنىڭ تېخىمۇ دېموكراتىيەلىشىشىدە مۇھىم بىر ھۆججەتكە ئايلىنىدۇ» دېدى.

پارلامېنت ۋە كېڭەش ۋەكىللىرى سايلاملىرىدا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئاياللار ۋە ياشلار ئۈچۈن %30 لىك ئورۇن ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن توكايېۋ، بۇ دائىرىدە ئالاقىدار قانۇنلارغا ئۆزگەرتىشلەرنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، قانۇننىڭ سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۆكتىچى ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا دائىر مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

قانۇنلارغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەرنىڭ سىياسىي مۇساپىنىڭ لىبېراللىشىشى يولىدا تاشلانغان كونكېرت قەدەم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن توكايېۋ، كەڭ دائىرىلىك سىياسىي ئىسلاھاتلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر