قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى باتكەندە قاتتىق يامغۇر ۋە مۆلدۈر ياغقاندىن كېيىن سۇ ئاپىتى يۈز بەردى.

1409713
قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى، باتكەنگە قاراشلىق ئىسفانا شەھىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 20 ئۆينىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى، لېكىن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

قىرغىزىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرى زامىربەك ئەسقەروۋنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، مۇئاۋىن مىنىستىر راۋشان رىسبايېۋ باشچىلىقىدىكى ئەترەتنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ۋەزىيەتنى كونتروللۇقئ استىغا ئالغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر