قازاقىستاندا پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتى ئۆچۈرىۋېلىندى

قازاقىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئورمانلىق رايوندا پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

1405409
قازاقىستاندا پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتى ئۆچۈرىۋېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان جىددى ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈنۈگۈن كەچتە ئۆچۈرۈۋىلىنغان ئوت ئاپىتىدە، 3948 گېكتار ئورماننىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قازاقىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى سەمەي دۆلەت ئورمانلىقىدا پەيشەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ  ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 ئەتراپىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى.

ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە 100  ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى  ۋە 400 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىدىن باشقا يەنە،  2 تىك ئۇچار ئايروپىلانمۇ  قاتناشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر