تۈركىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2491 گە يەتتى

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2491 گە، ساقايغانلار سانى 18491 گە يەتتى.

1404172
تۈركىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2491 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 115 پۇقرايىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى، شۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2491 گەيەتتى، بۇ جەرياندا 40 مىڭ 962 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 3116 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى، 24 سائەت ئىچىدە ساقايغان 2014 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، بالنېستىن چىققانلارنىڭ سانى 18491 گە يەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر