قازاقىستاندا ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

قازاقىستاندا « MiG-31» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.

1399843
قازاقىستاندا ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت  « MiG-31» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىپىلانلىق ئۇچۇش دائىرىسىدە قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي موتورىغا ئوت كېتىپ، «قاراگاندا ئايرودۇرۇمى» ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلاننى بوش بىر ساھەگە ھەيدىگەن ئۇچقۇچ،ى باشقۇرۇلىدىغان ئورۇندۇق بىلەن سەكرەپ قۇتۇلۇپ قالغان. ۋەقەدىن كېيىن قازانى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلغان.

قازاقىستان ھاۋا مۇداپىئە قىسمىنىڭ باش قوماندانى نۇرلان ئورمانبېتوۋ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  ئايروپىلان قازاسىدىن كېيىن MiG-31» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋەقەنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پائالىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر