«تۈركسوي» تۈرك دۇنياسى ناخشىلىرى ئارقىلىق «ئۆيدە تۇرۇڭلار!» چاقىرىقى ئېلان قىلدى

خەلقئارا تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتى «تۈركسوي» تۈرك دۇنياسىدىكى ھەر قايسى سەنئەتچىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن ئورۇنلىغان بىر ناخشا بىلەن فىلىم تەييارلاپ، تۇرك دۇنياسىغا «ئۆيدە تۇرۇڭلار!» چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

1398063
«تۈركسوي» تۈرك دۇنياسى ناخشىلىرى ئارقىلىق «ئۆيدە تۇرۇڭلار!» چاقىرىقى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانلىق ناخشىچىلار «تۈركسوي» نىڭ خەلق چالغۇلىرى ئوركېستىراسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپ، قىرغىزلارنىڭ «Op-Mayda» ناملىق ناخشىسىنى ئورۇنلىدى.

ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان «تۈركسوي» نورۇز بايرىمى پائالىيەتلىرىدە بىر يەرگە جەم بولۈپ كونسېرت بېرىدىغان سەنئەتچىلەر، بۇ يىل (2020) ۋابا سەۋەبىدىن پائالىيەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆز ئۆيلىرىدە، ئۆز ئىمكانىيەتلىرى دائىرىسىدە تەييارلىغان سىن لىنتىلىرىنى «تۈركسوي» نىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدىن باشقا يەنە، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاننىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىمۇ ئېلان قىلدۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر