تۈركىي تىلىدا  سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى زىچ ھەمكارلاشماقتا

تۈركىي تىلىدا  سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى باش كاتىپى باغدات ئامرېيېۋ كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

1391632
تۈركىي تىلىدا  سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى زىچ ھەمكارلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىي تىلىدا  سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ يازما باياناتىدا، باش كاتىپ ئامرېيېۋ يەر شارى خاراكتېرلىق يۇقۇملۇق ئاپەت ھەققىدە ئەڭ باشتىن تاتىپلا تۈرك دۇنياسى رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا يېقىندىن مەسلىھەتلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باش كاتىپ باغدات ئامرېيېۋ: «تۈركىيە، ئەزەربەيجانغا تۇنجى بولۇپ ۋېرۇسنى تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى يوللىغان دۆلەت بولدى. بۇ ئارقىلىق قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭ بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغان دەسلەپكى كېسەللەرنى ئېنىقلاپ چىقالىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەردى. تۈركىيە يەنە قىرغىزسىتانىڭ پايتەختى بېشكەكتىكى قىرغىزىستان-تۈركىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىنى قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارا قىلدى. ئۆزبېكىستاندىن قوشنىسى قىرغىزىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يوللاپ بەردى. قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ، قىرغىزىستان پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ۋە ھىندىستاندىن ھاۋا يولى ئارقىلىق يۆتكەپ كېلىنىشىگە ياردەم بەردى »دېدى.

باغدات ئامرېيېۋ تۈركىي تىلىدا  سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يەنە، يۇقۇمنىڭ ياۋروپادا تارقالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپلا ۋېنگىرىيەگە تۇنجى بولۇپ تىببىي ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستان،  ۋېنگىرىيەگە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق بولغان يۈز ماسكىسى قاتارلىق تىببىي ئەلىھەلەرنى يوللاپ بەردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر