تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ياردەم قىلدى

تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ياردەم قىلدى.

1386716
تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى تولگا ئاتاكان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئايروپىلانغا قاچىلانغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تاۋشۇرۇۋالدۇق، بىزگە ھەمىشە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىغا، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بىلال ئەكشى ئەپەندىگە ۋە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر