ئەزەربەيجان: يۇقۇمغا قېرىنداش تۈركىيەنىڭ ياردىمى سايىسىدا دىياگنوز قويدۇق

ئەزەربەيجان سەھىيە مىنىستىرى ئوقتاي شىرئەلىيەۋ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) نىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دىياگنوزلىرىنى تۈركىيەنىڭ سايىسىدا قويغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1384741
ئەزەربەيجان: يۇقۇمغا قېرىنداش تۈركىيەنىڭ ياردىمى سايىسىدا دىياگنوز قويدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوقتاي شىرئەلىيەۋ ئەزەربەيجان دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلىپ، يولغا قويۇلغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سايىسىدا دۆلەت مىقياسىدا كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كوۋىد – 19 ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان دەسلەپكى كۈنلەردە كۆپلىگەن ئەللەردە دىياگنوز قويۇش ئۈسكۈنىسى بولمىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن شىرئەلىيەۋ، «قېرىنداش تۈركىيەنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىناق ئۈسكىنىلىرى باكۇغا كەلتۈرۈلدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى بىمارلارغا شۇ ئۈسكىنىلەر سايىسىدا دىياگنوز قويۇلدى» دېدى.

ئەزەربەيجاندا كوۋىد – 19 تۇنجى بولۇپ 28 – فېۋرالدا ئىراندىن كەلگەن بىر رۇسىيەلىكتە بايقالغانىدى.

ھازىرغىچە 87 يۇقۇملانغۇچى بايقالغان ئەزەربەيجاندا، بىر كىشى قازا قىلدى، 10 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى. 3 نەپىرى 18 ياشتىن تۆۋەن بولۇپ 76 بىمارنى داۋالاش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر