ئەرمېنىيە - ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە توقۇنۇش باشلىدى
ئەرمېنىيە - ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبىدىن توقۇنۇش باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپ گورانبوي ۋىلايىتى يۆنىلىشىدە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىغۋاگەرچىلىك ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقى ۋە ئەرمېنىيە ئارمىيەسىدىن بىر ئەسكەرنىڭ توقۇنۇشتا ئۆلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
ئۆلگەن ئەسكەرنىڭ جەسىتىنىڭ تەخمىنەن 24 سائەتكىچە ئىككى تەرەپ ئىستىھكاملىرى ئوتتۇرىسىدا قالغانلىقى ۋە توقۇنۇشنىڭ داۋاملاشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا ، ئالدىنقى سەپتىكى جىددىيلىككە ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ جاۋاپكار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.