ئەزەربەيجاندا نېفىت كېنى تېپىلدى
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا يېقىن كاسپىي دېڭىزىدا نېفىت كېنى تېپىلدى.
1381304
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (SOCAR) بىلەن نورۋېگىيە ئېكۋاتور شىركىتى تەرىپىدىن باكۇنىڭ شەرقىدىن 120 كىلومېتىر يىراقلىقتا تېپىلغان نېفىت كېنىغا «قاراباغ» ئىسمى قويۇلدى.
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى بۇرغىلاش خىزمىتىنى باشلىغان شىركەت، 3400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا نېفىت كېنى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، نېفىت كېنى 60 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت زاپىسىغا ئىگە ئىكەن.