ئىراق تۈركمەن فىرونتى تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ئىراق تۈركمەن فىرونتى باشلىقى ئەرشات سالىھى، ئوسمانلى دەۋرىدىن قالغان قەيسەرى بازىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوئوردىناتسىيە ئاگېنىتلىقى- تىكاغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئىراق تۈركمەن فىرونتى تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تۈركمەن فىرونتى باشلىقى ئەرشات سالىھى، كەركۈكتىكى 2018 – يىلى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن ئوسمانلى دەۋرىدىن قالغان قەيسەرى بازىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوئوردىناتسىيە ئاگېنىتلىقى- تىكاغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئەرشات سالىھى بايانات بېرىپ، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىكاغا يوليورۇق چۈشۈرگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

بۇ ياردەمنىڭ بىر ھەمكارلىق سىگنالى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان سالىھى، قوشنا دۆلەت تۈركىيەنىڭ ھېچبىر ۋاقىت ئىراق خەلقى ۋە تۈركمەنلەرنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى تەكىتلدى.

ئۇ، تۈركىيە تاشلىغان بۇ قەدەمنىڭ ئىراقتىكى يۈزلەرچە تارىخىي يادىكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىراق ھۆكۈمىتىگە ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كەركۈك شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە سېلىنغان تارىخىي قەيسەرى بازىرىدا 2018 – يىلى 26 – نويابىردا ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان بىر سەۋەبتىن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بازاردىكى نۇرغۇن دۇكان ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر