تۈركىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى مەسىلىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ياردەم قىلىشقا تەييار

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېلېفوندا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار بىلەن كۆرۈشتى.

1378271
تۈركىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى مەسىلىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ياردەم قىلىشقا تەييار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەردوغان بىلەن تاتارنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد -19) غا قارشى كۈرەشتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر ئەرسىن تاتارغا تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە كېرەكلىك ھەر خىل ياردەملەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر