تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ۋىزانى بىكار قىلدى

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزىسىز ساياھەتنىڭ مۇددىتى 30 كۈندىن 90 كۈنگە چىقىرىلدى.

1367611
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ۋىزانى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ باكۇ باش ئەلچىسى ئەركان ئۆزورالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان سودا ئىشلىرىدا ئۆزئارا تاموژنا بېجى تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال تۈرك ۋە ئەزەربەيجان مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولغان. شۇڭا بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە تاللالش خاراكتېرلىك سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ كېلىشىم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىكەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزىسىز ساياھەت مۇددىتىنىڭ 30 كۈندىن 90 كۈنگە چىقىرىلىشى بىلەن، تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى بېرىش – كېلىشلەر تېخىمۇ قولايلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر