تۈركىيە - رۇسىيە ھەيئەتلىرىنىڭ موسكۋادىكى «ئىدلىب» سۆھبەتلىرى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى باش ئەلچى سەدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى رۇس ھەيئىتى بىلەن ئىدلىب توغرىسىدا سۆزلەشتى.

تۈركىيە - رۇسىيە ھەيئەتلىرىنىڭ موسكۋادىكى «ئىدلىب» سۆھبەتلىرى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئۆنال باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا رۇسىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

تۈركىيە ھەيئىتى ئۇچرىشىشتا، ئەمەلىي ساھەدىكى جىددىيچىلىكنىڭ دەرھال پەسكۇيغا چۈشۈرۈلۈشى ۋە ئىنسانىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.

مۇزاكىرە جەريانىدا نۇقتىلىق ھالدا، 2018 – يىلى ئىمزالانغان ئىدلىبقا ئالاقىدار سوچى كېلىشىمىنىڭ تولۇق تەتبىقلىنىشى ۋە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا تاشلاشقا بولىدىغان قەدەملەر مۇھاكىمە قىلىندى.

سۆھبەتلەرنىڭ بۈگۈنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدۈى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر