قازاقىستان كەلگۈسى 5 يىللىق گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە 2 مىليارد 600 مىليون دوللار ئاجرىتىدۇ

قازاقىستاندا كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە 2 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى.

قازاقىستان كەلگۈسى 5 يىللىق گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە 2 مىليارد 600 مىليون دوللار ئاجرىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان باش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باش مىنىستىر ئەسقەر مامىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئېچىلغانلىقى ۋە يىغىندا، دۆلەتنىڭ 20212025 - يىلىغىچە بولغان گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى لايىھەسى تەكلىپىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى. 

باياناتتا، بۇ خىزمەت لايىھەسىىنىڭ قازاقىستان زېمىنىنىڭ گېئولەگىيە نۇقتىسىدىن تولۇق تەكشۈرۈلىشى، مىنېرال زاپاسلىرىنى تېپىش، زېمىن ئاستىنىڭ ئىلمىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىنىشى ۋە ئاساىسي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ دۆلەت لايىھەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت خامچوتىدىن 200 مىليارد تەڭگە (530 مىليون دوللار) ئايرىلىشى مۆلچەرلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان دوكلاتتا يەنە، «800 مىليارد تەڭگە (2 مىليارد 122 مىليون دوللار ئەتراپىدا خۇسۇسىي مەبلەغلەرنى جەلىپ قىلىشمۇ مۆلچەرلەنمەكتە» دېيىلدى.

لايىھە دائىرىسىدە يەنە، قازىقىستان زېمىنىنىڭ يۈزدە يۈز تەكشۈرۈلىشى، 50 ئەتراپىدىكى قاتتىق مىنېرال ساھەسىنىڭ پۈتتۈرىلىشى ۋە چۆكمە ئويمانلىقلارنىڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلىرى نىشان قىلىنماقتا. 

باياناتتا، دۆلەتنىڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش پىروگراممىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشى بىلەن كان بايلىقلىرى زاپىسىدا كۈتۈلگەن ئىلگىرىلەشنىڭ قلغا كەلتۈرلىدىغانلىقى، يەر ئاستىدا 200 توننا ئالتۇن، 5 مىليون توننا مىس، 5 مىليون توننا پولىمېتال، 50 مىڭ توننا ئۇران ۋە 700 مىليون توننا گىندو كاربون بارلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر