ئەزەربەيجان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئوچۇق مۇنازىرىدە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى ئاجايىپ ئوسال بولدى

تارىختا تۇنجى قېتىم ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرى ئاممىنىڭ ئالدىدا ئۇچۇق مۇنازىرىلەشتى.

ئەزەربەيجان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئوچۇق مۇنازىرىدە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى ئاجايىپ ئوسال بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان 56نۆۋەتلىك مىيۇنخىن خەۋپسىزلىك كونفېرانسى دائىرىسىدىكى ئۇچۇق يىغىندا تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنى مۇنازىرىلەشتى. بۇ يىغىن ئارقىلىق تارىختا تۇنجى قېتىم ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرى ئاممىنىڭ ئالدىدا ئۇچۇق مۇنازىرىلەشكەن بولدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تاغلىق قاراباغنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئەزەربەيجان زېمىنىنىڭ %20 نىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ۋە 1 مىليوندىن كۆپرەك ئەزەربەيجان پۇقراسىنىڭ يۈرت  ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىنغانلىقىنى شۇنداقلا ئەزەربەيجانلىقلارغا قارشى ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.  

ئىلھام ئەلىيېۋ خوجائىلىدە ئەرمېنىيەلىكلەرنىڭ 613 پۇقرانى قەتلىئام قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ، «خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق، قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىنىدۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشى لازىملىقى ھەققىدە 4 قارار ماقۇللىدى. بۇ قارارلار ئىجرا قىلىنمىدى. ھەل قىلىش چارىسىنى ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ئاساسىدىلا قولغا كەتۈرگىلى بولىدۇ» دېدى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بولسا، خوجائىلى قەلتىئامىنى ئىنكار قىلدى. مەسىلىنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى لازىملىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تاغلىق قارباغدا ئەرمېنىيە ئارمىيەسى يوقلۇقىنى، بەلكى قاراباغ ئەرمېنىيە خەلقىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن ئارقىدىنلا ئۆز ئوغلىنىڭ قاراباغ ئالدىنقى فىرونتىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى ئېيتتى.  (يەنى ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئۆزى يالغانغا چاقاردى)

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر