قازاقىستان رۇسىيەگە «سېبىريەنىڭ كۈچى» تەكلىپى سۇندى
قازاقىستان رۇسىيەگە «سېبىرىيەنىڭ كۈچى 2 تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى» نىڭ قازاقىستان تېرروتېرىيەسىدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن تەكلىپ سۇندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مىنىستىر نۇرلان نوگايېۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتى دائىرىسىدە رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇچرىشىشتا، تەرەپلەرنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى، نوگايېۋنىڭ نوۋاكقا، <سېربىرىيەنىڭ كۈچى 2 تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنى قازاقىستان تېرروتېرىيەسىدىن ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي – غەربىي تۇرۇبا لىنىيەسى سىستېمىسىغا تۇتاشتۇرۇش تەكلىپى سۇنغانلىقى، نوۋاكنىڭ ھەر ئىكىك تەرەپنىڭ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى مەسىلىسىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغانلىقى تەكىتلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.