قازاقىستان بىلەن تاجىكىستان خىتايدىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

قازاقىستان خىتايدىكى يەنە 217 پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كەلدى.

قازاقىستان بىلەن تاجىكىستان خىتايدىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرى يېلجان بىرناتوۋ مىنىستىرلار كېڭىشىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدىن 217  قازاقىستان پۇقراسىنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا <ۋۇخەن ۋىرۇسى> بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالمىدى.»

قازاقىستان مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ۋۇخەن شەھىرىدىن 83 پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كەتكەنىدى.

تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ۋۇخەن شەھىرىدىن 46 پۇقراسىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

42



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر